عن النعمان بن بشير رضي الله عنهما قال: أُغْمِي على عبد الله بن رواحة رضي الله عنه فجعلت أُخْتُه تبكي، وتقول: واجَبَلاهُ، واكذا، واكذا: تُعَدِّدُ عليه. فقال حين أفَاق: ما قُلْتِ شيئا إلا قِيل لي أنت كذلك؟
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

نۇئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلاپ: ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز سىزمۇ شۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن ھۇشىدىن كېتەتتى، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى شۇ ھالىتىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ گۇمان قىلىپ يىغلىدى ۋە نال-پەرياد قىلىپ: ۋاي تايانچىم، ۋاي مېنىڭ تېغىم، دېدى. يەنى ئابدۇللاھ ئۇ ئايال ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان تاغ كەبى، بارلىق ئىشلىرىدا تايىنىدىغان تايانچ بولغانلىقى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلدى. ئۇنىڭ ياخشى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى جاھىيلىيەت ئادىتى بويىچە تىلغا ئالدى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە جەرياندىن خەۋەر تاپتى. ئۇنىڭغا بىھۇش ياتقىنىدا پەرىشتىلەر: سەن ئۇلار تايىنىدىغان تاغمۇ؟ سەن مۇنداقمۇ؟ سەن ئۇلار سۈپەتلىگەندەكمۇ؟ دېدى. ھەمشىرىسى تىلغا ئالغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ بىھۇش ياتقىنىدا مەسخىرە قىلىش ۋە تەھدىت شەكلىدە دېيىلدى. يەنە بىر ھەدىستە ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇرۇق-تۇققانلىرى نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىمىغان. بۇ ھەدىستىن دەرس ئالغان، دېيىلگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ