عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«كَتَبَ اللهُ مَقَادِيرَ الْخَلَائِقِ قَبْلَ أَنْ يَخْلُقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِخَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ، قَالَ: وَعَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2653]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ:
ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2653]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىشلارنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن پۈتىۋەتكەنلىكىنى، تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇۋاپىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئىنسانغا پۈتۈلگەن نەرسە خاتا يەتكەن بولمايدۇ، ئىنسانغا تەقدىردە پۈتۈلمىگەن نەرسە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش ۋاجىپتۇر.
  2. تەقدىر دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نەرسىلەرنى ئەزەلدىن بېلىشى، يېزىشى، خالىشى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
  3. تەقدىرنىڭ ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلىشتىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ نەتىجىسى: قازاغا رازى بولۇش ۋە تەقدىرگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  4. ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاسمان ۋە زېمىنلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى سۇنىڭ ئۈستىدە بولغان.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ