عَنْ طَاوُسٍ أَنَّهُ قَالَ: أَدْرَكْتُ نَاسًا مِنْ أَصْحَابِ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، يَقُولُونَ كُلُّ شَيْءٍ بِقَدَرٍ، قَالَ: وَسَمِعْتُ عَبْدَ اللهِ بْنَ عُمَرَ رضي الله عنهما يَقُولُ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«كُلُّ شَيْءٍ بِقَدَرٍ، حَتَّى الْعَجْزِ وَالْكَيْسِ، أَوِ الْكَيْسِ وَالْعَجْزِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ئۇلار ھەممە ئىش تەقدىر بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
« ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەتتا ئاجىزلىق يەنى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلماسلىق، سەل قاراش، ھورۇنلۇق قىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش قاتارلىقلار. ھەتتا روھلۇق جۇشقۇنلۇق؛ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولۇش كېرەك ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق، جۇشقۇنلۇقنى ۋە ھەممە ئىشلارنى بېكىتتى ۋە تەقدىر قىلدى، دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بۇرۇندىن بىلگەن ۋە خالىغان ئىشلاردۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ساھابىلارنىڭ تەقدىر توغرىسىدىكى ئېتىقادىنى بايان قىلىش.
  2. ھەممە ئىشلار ھەتتا ئاجىزلىق ۋە جۇشقۇنلۇقمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ.
  3. ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىشتا بەك ئېھتىيات قىلىپ ئىشەنچىلىك ھالەتتە بايان قىلىدىغانلى ئىپادىلىنىدۇ.
  4. تەقدىرنىڭ ياخشى ۋە يامان ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ