عن علي رضي الله عنه قال: كُنَّا في جَنَازة في بَقِيعِ الغَرْقَدِ، فَأتَانَا رسول الله صلى الله عليه وسلم فَقَعَدَ، وَقَعَدْنَا حَوْلَه ومعه مِخْصَرَةٌ فَنَكَّسَ وجعل يَنْكُتُ بِمِخْصَرَتِهِ، ثم قال: «ما مِنْكُمْ من أحَدٍ إلا وقد كُتِبَ مَقْعَدُه من النَّار ومَقْعَدُه من الجنَّة» فقالوا: يا رسول الله، أفلا نَتَّكِلُ على كِتَابِنَا؟ فقال: «اعملوا؛ فَكلٌّ مُيَسَّرٌ لما خُلِقَ له...» وذكر تمام الحديث.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز: «بەقىئ غەرقەد» قەبرىستانلىقىغا بىر ئادەمنى يەرلىككە قويغىلى چىقتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى، بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھاسا بىلەن يەرنى جىجاپ تۇرۇپ: «ھەر بىرىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولدى» دېدى، ساھابىلار: «ئى رەسۇلۇللاھ!، ئۇنداقتا بىز پۈتۈلگەن تەقدىرىمىزگە تايانمايلىمۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈلگەن يولدا ماڭىدۇ» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلار بىر كىشىنىڭ مېيىتىنى يەرلىكتە قويۇش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ قەبرىستانلىقىغا چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن سىلىپ، يەرنى جىجىلاپ، غەمكىن پىكىر قىلغاندەك ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەقدىرلىرىنى پۈتىۋەتتى، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى ۋە دوزاختىكى ئورۇنلىرىنى بېكىتىۋەتتى» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: «بەختسىز بەختسىز بولىدىغان، بەختلىك بەخىتلىك بولىدىغان، جەننەتكە كىرىدىغانلار جەننەتكە، دوزاخقا كىرىدىغانلار دوزاخقا كېرىدىغان بولۇپ تەقدىر ۋە ھۆكۈم ئىلگىرىلا بەلگىلىنىپ بولغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىق-يامانلىققا يۆلىنىۋالماي، بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، جەننەت ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخمۇ ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخقا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، جەننەتكە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزىگە پۈتۈلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ، بەخىتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسان قىلىدۇ، بەختسىز كىشىلەرگە ئاللاھ بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ