عن أبي الأسود، قال: قَدِمْتُ المدينة، فَجَلَسْتُ إلى عمر بن الخطاب رضي الله عنه فَمَرَّتْ بهم جَنازة، فَأُثْنِيَ على صاحِبِها خيراً، فقال عمر: وجَبَتْ، ثم مَرَّ بأُخْرَى فَأُثْنِيَ على صاحِبِها خيراً، فقال عمر: وجَبَتْ، ثم مَرَّ بالثالثة، فَأُثْنِيَ على صاحِبِها شَرَّا، فقال عمر: وجَبَتْ، قال أبو الأسود: فقلت: وما وجَبَتْ يا أمير المؤمنين؟ قال: قلت كما قال النبي صلى الله عليه وسلم : «أيُّما مُسلم شَهِد له أربعة بخير، أدخله الله الجنة» فقلنا: وثلاثة؟ قال: «وثلاثة» فقلنا: واثنان؟ قال: «واثنان» ثم لم نَسْأَلْهُ عن الواحد.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇل ئەسۋەد دېگەن كىشى مۇنداق دېدى: مەدىنىگە كەلگەن ۋاختىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇنىڭمۇ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ يامان گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد مۇنداق دېدى: مەن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ نېمىگە لايىق بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەندە، بىز: ئۈچ كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بولسىمۇ» دېدى، بىز ئىككى كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولسىمۇ» دېدى، ئاندىن بىز بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتتى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار جىنازىدىكى كىشىگە ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرىنجى جىنازىغا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن ئۈچىنچى جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا يامانلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى ئەبىل ئەسۋەدكە نىسبەتەن چۈشىنىشلىك بولماي، ئۇنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى، سالىھ تۆت كىشى ئۇنىڭ ياخشى، سالىھ كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭغا جەننەت مۇقىملىشىدۇ» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرسىمۇ ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، بىز ئۇنىڭدىن كىشىلەردىن بىرى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەننى سورىمىدۇق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ