عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: كنت خلف النبي صلى الله عليه وسلم يوماً فقال يا غلام، إني أعلمك كلمات: «احْفَظِ اللهَ يحفظْك، احفظ الله تَجِدْه تُجَاهَك، إذا سألت فاسأل الله، وإذا اسْتَعَنْتَ فاسْتَعِن بالله، واعلمْ أن الأمةَ لو اجتمعت على أن ينفعوك بشيء لم ينفعوك إلا بشيء قد كتبه الله لك، وإن اجتمعوا على أن يَضرُّوك بشيء لم يَضرُّوك إلا بشيء قد كتبه الله عليك، رفعت الأقلام وجفت الصحف». وفي رواية: «احفظ الله تَجِدْه أمامك، تَعرَّفْ إلى الله في الرَّخَاء يَعرِفْكَ في الشِّدة، واعلم أنَّ ما أخطأَكَ لم يَكُنْ ليُصِيبَكَ، وما أصَابَكَ لم يَكُنْ لِيُخْطِئَكَ، واعلم أن النصرَ مع الصبرِ، وأن الفرجَ مع الكَرْبِ، وأن مع العُسْرِ يُسْرًا».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد بروايتيه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباسقا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھمۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھدىنلا سورا، ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ ئاللاھدىنلا تىلە. بىلگىنكى، پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر ئىشتا ياخشىلىق قىلىشقا توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ساڭا پۇتۇۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىاڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇدى«يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى» دېدى. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىدىن باشقىسىنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. باياشات ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونىغىن، ئاللاھمۇ سېنى قاتتىقچىلىق ۋاقىتلاردا تونۇيدۇ. بىلگىنكى، ساڭا يەتمىگەن نەرسىلەر«ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولۇپ» ساڭا يېتىپ قالمايدۇ ۋە ساڭا يەتكەن نەرسىلەرمۇ سەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ «يەنى چوقۇم يېتىدۇ» بىلگىنكى غەلبە سەبىر ئارقىلىق قولغا كىلىدۇ. ھەر بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن چىقىش يولى بولىدۇ. ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسايىشلىق بار
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بۇ بالىنى يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى بۈيۈك خىسلەتلەرگە يۈزلەندۈردى، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلىپ مېڭىش كىرەكلىكى، ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا ئەقىدىسىنىڭ توغرا بولىشىنى تەكىتلىدى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ياراتقۇچى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا قۇدرەتلىك ھېچ بىر زات يوق، جىمى ئىشلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزى تەدبىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بەندە بىلەن ياراتقۇچىسى ئارىلىقىدا ھېچقانداق بىر ۋاستە يوق، ئېغىر مۇسىبەت ۋە كۈلپەتلەردە ئاللاھ تائالاغىلا ئىلتىجا قىلىنىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن بولىدۇ دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئىشەنچىسىنى ئورناتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ