عن أنس رضي الله عنه قال: خَطَبَنَا رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم خُطْبَةً ما سمعتُ مثلها قَطُّ، فقال: «لو تَعْلَمُونَ ما أَعْلَمُ، لَضَحِكْتُمْ قَلِيلًا وَلَبَكَيْتُمْ كَثِيرًا». فَغَطَّى أَصْحَابُ رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم وُجُوهَهُم، ولهم خَنِينٌ. وفي رواية: بَلَغَ رسولَ اللهِ صلى الله عليه وسلم عن أَصْحَابِهِ شَيْءٌ فَخَطَبَ، فقال: «عُرِضَتْ عَلَيَّ الجَنَّةُ والنَّارُ، فَلَمْ أَرَ كاليومِ في الخيرِ والشرِ، ولو تَعْلَمُونَ ما أَعْلَمُ لَضَحِكْتُمْ قَلِيلًا وَلَبَكَيْتُمْ كَثِيرًا». فما أَتَى على أصحابِ رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم يومٌ أَشَدُّ مِنْهُ، غَطَّوا رُءُوسَهُمْ ولهم خَنِينٌ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق بىر خۇتبە (نەسىھەت) سۆزلىدىكى، مەن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ساھابىلىرى توغرۇلۇق بىرەر گەپ يىتىپ قالدى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەپ دېدىكى: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقتا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز - نەسىھەت سۆزلىدىكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى قاتارىدىن: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن بۈگۈن جەننەتتە كۆرگەندىن ياخشىراق ، دەۋزەختە كۆرگەندىن يامانراق (ئەھۋالنى) كۆرۈپ باقمىدىم، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋېلىشتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ