عن المِقْدَام بن مَعْدِي كَرِبَ رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «ما مَلَأ آدَمِيٌّ وِعَاءً شَرًّا من بطن، بِحَسْبِ ابن آدم أُكُلَاتٍ يُقِمْنَ صُلْبَه،ُ فإن كان لا مَحَالةَ، فَثُلُثٌ لطعامه، وثلث لشرابه، وثلث لِنَفَسِهِ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

مىقدام ئىبنى مەئدىي كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئادەم بالىسىنىڭ تويمايدىغان قورسىقىدىنمۇ يامان نەرسە يوق. ئەسلىدە ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزگە مۇھىم تىبابەت قائىدىلىرىدىن بىرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كېسەلدىن ساقلىنىش قائىدىسى، كېسەلدىن ساقلىنىش تاماقنى ئاز يېيىش بىلەن بولىدۇ، بەلكى ئاچارچىلىقنى پەسەيىتكىدەك، كۈندۈلىك ھاياتىغا قۇۋۋەت بولغۇدەك يىيىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ، تويمايدىغان قورساقتىنمۇ يامانراق نەرسە يوق. توقلۇقتىن كۆپلىگەن ئاشكارا يۈشۈرۇن كېسەللەر كىلىپ چىقىدۇ. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر تاماقنى كۆپ يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن، كۆپ يىگەنلىكتىن نەپەس سىقىلىش ۋە ھورۇنلۇق كىلىپ چىقىپ، دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتا بوشاڭ بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ