عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «لو يُعْطَى الناسُ بدَعْوَاهُم لادَّعى رجالٌ أموالَ قومٍ ودِمَاءَهُم، لكنَّ البينةَ على المدَّعِي واليَمِينَ على من أَنْكَرَ».
[صحيح] - [أخرجه بهذا اللفظ البيهقي في السنن الكبرى. وأخرج البخاري ومسلم بعضه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس دەلىل-ئىسپاتسىز قىلىنغان داۋالارنى قۇبۇل قىلماسلىق، ئىنكار قىلغۇچىغا قەسەم ئىچكۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم بىر قائىدىنى بايان قىلىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئادالەتنى ياقىلاش، ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇش، مال ۋە جاننى قوغداش ئۈچۈندۇر. قانداق بىر كىشى دەلىل-ئىسپاتسىز بىر ئىشنى داۋا قىلسا مەيلى ئۇ كشىلىك ھوقۇق، ياكى ئىقتىسادى مۇئامىلە ئىشلىرى بولسۇن، ئىمان ۋە ئىلىم مەسىلىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭ داۋاسى رەت قىلىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ