عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: إنه سمع نبي الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«لَو أَنَّكُمْ تَتَوَكَّلُونَ عَلَى اللهِ حَقَّ تَوَكُّلِهِ، لَرَزَقَكُمْ كَمَا يَرْزُقُ الطَّيْرَ، تَغْدُو خِمَاصًا وَتَرُوحُ بِطَانًا».

[صحيح] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدىكى پايدىغا ئىگە بولۇش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقى ئاتا قىلغۇچى، چەكلىگۈچى ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى تايىنىش بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا كېرەكلىك بولغان سەۋەپلەرنى قىلىمىز، بىز شۇ سەۋەپلەرنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ كېتىپ كەچتە قورسىقى توق قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك بىزلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ، قۇشلارنىڭ ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىپ كېلىشى ھورۇنلۇق قىلماستىن ۋە تايىنىۋالماستىن رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ھەقىقەتەن ئۇ رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
  2. تەۋەككۇل سەۋەپنى قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقى تەۋەككۇل ئەتتىگەندە ۋە كەچتە چېقىپ رىزىق تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
  3. شەرىئەت قەلب ئەمەللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، چۈنكى تەۋەككۇل دېگەن قەلبنىڭ ئەمىلىدۇر.
  4. سەۋەبكىلا تاينىۋېلىش دىندىكى كەمچىللىك، سەۋەپنى قىلماسلىق بولسا ئەقىلدىكى كەمچىللىك.
تېخىمۇ كۆپ