عن أُمُّ سَلَمَة رضي الله عنها أن رسول الله صلى الله عليه وسلم سَمِعَ جَلَبَةَ خَصْمٍ بِبَابِ حُجْرَتِهِ، فَخَرَجَ إلَيْهِمْ، فقال: «ألا إنما أنا بشر، وإنما يأتيني الخصم، فلعل بعضكم أن يكون أبلغ من بعض؛ فَأَحْسِبُ أَنَّهُ صَادِقٌ؛ فَأَقْضِي لَهُ، فمن قضيت له بحق مسلم فإنما هي قطعة من نار، فَلْيَحْمِلْهَا أَوْ يَذَرْهَا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە دەۋاگەرلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلارغا چىقىپ دېدى: دىققەت! مەنمۇ بىر ئادەم، ماڭا دەۋاگەرلەر كېلىدۇ. بەلكى بەزىلەر يەنە بەزىلەردىن گەپكە ئۇستىراق بولىشىڭلار مۇمكىن، ئۇ ھالدا مەن ئۇنى راستچىل دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۇنىڭغا كېسىپ بېرىشىم مۇمكىن. قانداق بىر ئادەمگە باشقا بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى كېسىپ بەرگەن بولسام، ئۇ پەقەت ئوتنىڭ بىر پارچىسىدۇر، ئۇنى يا ئۈستىگە ئالسۇن! ياكى تاشلىسۇن!
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان دەۋاگەرلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چىقىپ دېدىكى: دىققەت! مەنمۇ بىر ئادەم. غەيىپنى بىلمەيمەن. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن راستچىل بىلەن يالغانچىنىڭ ئارىلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن، ماڭا ئىشلارنىڭ يۇشۇرۇن تەرەپلىرى خەۋەر قىلىنمايدۇ. مەن ھۆكۈم قېلىپ قويۇشۇم ئۈچۈن دەۋاگەرلەر كېلىدۇ. مېنىڭ ھۆكۈمۈم، ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى ۋە قەسەملىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بولىدۇ. بەلكى بەزىڭلار يەنە بەزىڭلاردىن گەپكە ئۇستىراق بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئۇ ھالدا، گەرچە ھەق ئەسلىدە قارشى تەرەپتە بولسىمۇ، مەن ئۇنى راستچىل ۋە ھەقلىق دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كېسىپ بېرىشىم مۇمكىن. شۇنى بىلىڭلاركى مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئىشلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قارىتا بولىدۇ، مەخپى تەرەپلىرىگە قارىتا ئەمەس. ئۇنداق بولغاندىكىن ئەسلىدە ھارام بولغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ ھالال قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق بىر ئادەمگە باشقا بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى كېسىپ بەرگەن بولسام، ئۇنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا، ئۇنىڭغا پەقەت ئوتنىڭ بىر پارچىسىنى كېسىپ بەرگەن بولىمەن، ئەگەر خالىسا ئۇنى ئۈستىگە ئالسۇن! ياكى تاشلىسۇن! ئۇنىڭ جازاسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زالىملارنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ