عن ابن عمر رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم «أنه نهى عن النذر، وقال: إنّ النَّذْرَ لا يأتي بخير، وإنما يُسْتَخْرَجُ به من البخيل».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆز ئۈستىگە (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش) بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلەپ: ئۇنداق قىلىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىلىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننى ئۆز ئۈستىگە بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلىدى (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش). بۇ چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى؛ ئۇنداق قىلىشنىڭ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئىنسان بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئىختىيارلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۆز ئۈستىگە بىر ئىشنى يۈكلىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئادا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قېلىش خەۋپى بار، ئەگەر ئۇ ئىشنى قىلالمىسا، ئۇ ئىنسان گۇناھكار بولىدۇ. يەنە ئۇنداق قىلىشتا: ئاللاھ تائالاغا بىرەر ئىبادەتنى قىلىش بەدىلىگە ھاجىتىنىڭ ئورۇندىلىشى ياكى بىرەر يامانلىقنى ئۇنىڭدىن كەتكۈزۈشنى نىيەت قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بەلكى (ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىزكى) بۇ ئادەم، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىم ئۈچۈن، مېنىڭ تەلىپىمگە بىنائەن ئىش قىلدى، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىقادتا ساغلام بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ نەزرە قىلىشتىن چەكلىدى.چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ سېخىلىقى بەدەلسىز ۋە شەرتسىز بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھتىن دۇئا ئارقىلىق ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى ۋەزىپە قىلىشتا، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدا يوق. چۈنكى، بېخىل ئادا قىلىش ۋاجىپ بولۇپ قالغان ئىشتىن باشقىنى قىلمايدۇ. ھەتتا شۇ ئىشنىمۇ مەجبۇرلانغان، ئېغىر كۆرگەن ۋە ئەمەلنىڭ ئاساسى بولغان ياخشى نىيەتتىن خالى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەرگە قىزىقىشلاردىن خالى بولغان ھالدا قىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ