عن أنس رضي الله عنه قال: «أَنْفَجْنَا أَرْنَباً بِمَرِّ الظَّهْرَانِ، فَسَعَى الْقَوْمُ فَلَغَبُوا، وَأَدْرَكْتُهَا فَأَخَذْتُهَا، فَأَتَيْتُ بِهَا أَبَا طَلْحَةَ، فَذَبَحَهَا وَبَعَثَ إلَى رَسُولِ الله صلى الله عليه وسلم بِوَرِكِهَا وَفَخِذَيْهَا فَقَبِلَهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز «مەررىز زەھران» دېگەن جايدا بىر توشقاننى ئۈركۈتتۇق، كىشىلەر ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي چارچىدى، مەن ئۇنى تۇتۇپ ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلدىم، ئەبۇ تەلھە ئۇنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ ئىككى پاقالچىقى ۋە قۇيرۇق تەرىپىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن بىر سەپەردە بولدى، ئۇلار «مەررىز زەھران» دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ساھابىلىرى بىلەن مەككىنى پەتھى قىلغان يىلى بۇ ئورۇنغا چۈشكەن ئىدى. شۇ ئارلىقتا ئۇلار بىر توشقاننى ئۈركۈتكەن ئىدى، كىشىلەر ئۇنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن قوغلاپ باقتى، بىراق ئۇنى تۇتالمايلا چارچاپ قالدى، ئەنەس دەيدۇ: مەن ئۇنى تۇتىۋالدىم. ئەنەس شۇ كۈنلەردە قىران پەيتىدە ئىدى، ئەنەس ئۇنى ئانىسىنىڭ يولدىشى ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلدى، ئەبۇ تەلھە توشقاننى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پاقالچىقى بىلەن دۇمبىسىنى، يەنى ئۈستى تەرەپتىن ئىككى پۇتىنىڭ تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان جاينى رەسۇلۇللاھقا ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭدىن يېگەن بولىشى مۇمكىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ