عن أبي هريرة رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «انْتَدَبَ الله (ولمسلم: تَضَمَّنَ الله) لِمَنْ خَرَجَ فِي سَبِيلِهِ، لا يُخْرِجُهُ إلاَّ جِهَادٌ فِي سَبِيلِي، وإيمان بي، وتصديق برسلي فهو عَلَيَّ ضامن: أَنْ أُدْخِلَهُ الجنة، أو أرجعه إلى مسكنه الذي خرج منه، نائلًا ما نال من أجر أو غنيمة». ولمسلم: «مثل المجاهد في سبيل الله -والله أعلم بمن جاهد في سبيله- كَمَثَلِ الصَّائِمِ القائم، وَتَوَكَّلَ الله لِلْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِهِ إنْ تَوَفَّاهُ: أن يدخله الجنة، أو يرجعه سالما مع أجر أو غنيمة».
[صحيح] - [الرواية الأولى: متفق عليها. الرواية الثانية: متفق عليها أيضا]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئاللاھ ئۆز يولىدا چىققان كىشىگە قارىتا: «ماڭا ئىشىنىپ ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى تەسدىقلاپ، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ئىرىشكەن ساۋابى ۋە غەنىمەت بىلەن ئۆيىگە سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ مىسالى - ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر - كېچىسى بىدار تۇرۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ، مۇجاھىد ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ساۋاپ بىلەن ياكى غەنىمەت بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە ئاللاھنىڭ كاپالىتى بارلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىرگە ياكى ئىككىگە كىپىل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشى ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە، ھايات قالسا ساۋاپ ياكى غەنىمەت بىلەن، يەنى غەنىمەتسىز ساۋاپ ياكى ھەر ئىككىلىسى بىلەن قايتۇرۇشقا كېپىل بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى ھەدىسنى «ئۇمدەتۇل ئەھكام» نىڭ مۇئەللىىپى ئىمام مۇسلىمغا تۇتاشتۇرغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە جىھادنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان: مەسجىدكە كىرىپ، ناماز ئوقۇش، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشتەك ئىشلارنى ئىزچىل قىلىشقا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ