1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

عن أبي ثعلبة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «إذا رَمَيْتَ بِسَهْمِكَ، فغابَ عنْك، فَأَدْرَكْتَهُ فَكُلْهُ، ما لَمْ يُنْتِنْ».

ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

يۇقىرىدىكى ھەدىس توۋەندىكىكلەرنى ئۇقتۇرغان: ئوۋچى يا ئوقى بىلەن ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئوۋنى ئېتىپ چۈشۈرگەندە ئۇنى تاپالماي قالسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىزدەپ تاپقاندا قاراش كېرەك، ئوۋدا ئۆزىنىڭ يا ئوقىنى كۆرسە يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوۋ بۇزۇلۇپ گۆشلىرى ئېچىپ قالغان بولسا ئۇنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئوۋ گۆشى مەينەت نەرسىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى چەكلەيدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

10 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ID Indonesia الإندونيسية
FR Français الفرنسية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
KU Kurdî الكردية