عن عائشة رضي الله عنها : أنّ قومًا قالوا: يا رسول الله إنّ قومًا يأتوننا باللحم لا نَدري أَذَكروا اسمَ الله عليه أم لا، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «سَمُّوا الله عليه وكُلُوه».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بىزگە گۆش ئىلىپ كىلىدۇ، بىز مالنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈردىمۇ ياكى زىكىر قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن: يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن گۆشى توغرىسىدا سوراپ، ئۇلار بىلمەسلىكتىن مالنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ؟ بىلمەيمىز، دەپ سورىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئاشۇ گۆشنى يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بىرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ھەدىسدە: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دىگەن سۆزىدىن مۇشۇ تۈردىكى گۆشلەردىن بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار دېگەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: بۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار؟ كۆرنىشىدىن ھالاللىقى ئاشكارا بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇڭلار، سىلەر مال ئۆلتۈرگەندە بىسمىللاھ دەپ ئۆلتۈرۈپ يەڭلار دېدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىزگە بىرەر يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بىرەر مالنىڭ گۆشۈنى ئىلىپ كەلسە، سىز ئۇنىڭدىن:بۇ مالنى شەرئى يولغا مۇۋاپىق ئۆلتۈرگەنمۇ؟ دەپ سوراپ يۇرمەڭ، بۇنداق سوراشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق، بۇ دىندا بەك زىغىرلاپ كېتىش ھېساپلىنىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە:بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي مال ئۆلتۈرگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلسا، بۇ مالنىڭ گۆشىنى يىيىش توغرا بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ