عن كعب بن مالك، أنّ امرأةً ذَبحَت شاةً بِحَجَر، «فسُئل النبيُّ صلى الله عليه وسلم عن ذلك فأمَرَ بِأكلها».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

كەئب ئىبنى مالىك (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغاندا، ئۇنى يىيىشكە بۇيرىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئايال ئوھۇد تىغىنىڭ يېنىدا قوي باقاتتى، تۇيۇقسىز بىر بۆرە قويغا ھۇجۇم قىلدى، ئايال بۆرىنى قوغلىۋىتىپ، قىرلىق تاشتىن بىرنى ئېلىپ، قوينى بوغۇزلىدى، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ ئايالنىڭ قىلغان ئېشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېيىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ