عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «مَن اقْتَنَى كَلْبًا -إلا كلبَ صَيْدٍ، أو مَاشِيَةٍ- فإنه يَنْقُصُ من أَجْرِهِ كل يوم قِيرَاطَانِ».
قال سالم: وكان أبو هريرة يقول: «أو كلبَ حَرْثٍ»، وكان صَاحِبَ حَرْثٍ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى ئوۋ ئىتى ياكى پادا باقىدىغان ئىتتىن باشقا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن ئىككى قىرات كەملەپ كېتىدۇ. سالىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىنى بايان قىلىپ: (ياكى ئېتىزلىققا قارايدىغان ئىت، دەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقى بار ئىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئىت دېگەن، پەسكەش نىجىس ھايۋانلارنىڭ قاتارىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پاك شەرەپلىك شەرىئەت ئۇنىڭدىكى زىيان-زەخمەت تۈپەيلىدىن بېقىشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، كەرەملىك پاك پەرىشتىلەر ئىت بار ئۆيدىن يىراق بولىدۇ. يەنە باشقىلارنى قورقۇتۇش ۋە نىجىسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن، ئۇنى بېقىش ئەقىلسىزلىققا دالالەت قىلىدۇ. ھەممىدىن يامىنى ئۇنى باققان كىشىنىڭ ساۋابىدىن ھەر كۈنى نۇرغۇن ساۋاپ كەملەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارىنى ئىككى قىرات دەپ يېقىنلاشتۇرۇپ بەردىيۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقى ھەجمىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۇنى بېقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئاسىلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىت بىقىشقا بىرەر ھاجەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا دۇرۇس بولىدۇ: بىرىنچىسى: بۆرىدىن ۋە ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىدىغان قويلارنى ھىمايە قىلىش. ئىككىنچىسى: ئېتىزلىقنى قوغداش. ئۈچىنچىسى: ئۇ ئىت بىلەن ئوۋچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىش. بۇ مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن، ئۇنى بېقىش دۇرۇس بولىدۇ، ۋە ئىگىسىدىن مالامەت كۆتۈرۈلىدۇ