عن عَبْدُ الله بن عمر رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «مَن أَعْتَقَ شِرْكًا له في عَبْدٍ، فكان له مالٌ يَبْلُغُ ثَمَنَ العَبْدِ: قُوِّمَ عليه قِيمَةَ عَدْلٍ ، فأعطى شُرَكَاءَهُ حِصَصَهُمْ، وعَتَقَ عليه العَبْدُ ، وإلا فقد عَتَقَ منه ما عَتَقَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئازراق بولسىمۇ بىر قۇلغا ياكى بىر دېدەككە شېرىك بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىقتىسادى بولسا، شېرىكلىرىگە قۇلنىڭ قالغان ھەسسىسىنى بېرىشكە قادىر بولسا، قۇلنىڭ نەرقىنى بازار بويىچە ھېسابلاپ شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ، ئۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئازاد قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىسە شېرىكىگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئازاد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسۇن، شېرىكىنىڭ ھەسسىسىدە قۇللۇق ھالىتىدە قالىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ