ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنى ئۇ قۇلنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە دوزاختىن ئازات قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار
عربي الإنجليزية الأوردية
مىراسقا ئىگە بولۇش ئىنئام قىلغان كىشىگە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇققانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇققىنى ھۆر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأيغورية
سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا: «سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم چاغلىق مال قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية