عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ حَمَلَ عَلَيْنَا السِّلَاحَ فَلَيْسَ مِنَّا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 7071]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن كىشى بىزدىن ئەمەس».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 7071]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارنى قورقۇتۇش ياكى مال-مۈلكىنى بۇلاش مەقسىتىدە قۇرال كۆتۈرۈشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، كىمكى ھەقسىزلىك بىلەن شۇنداق قىلىدىكەن، چوڭ گۇناھلاردىن بىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان بولدى، بۇنداق قىلغان كىشى قاتتىق ئازابقا لايىق بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.
  2. زېمىندىكى ئەڭ چوڭ بۇزۇقچىلىق ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ بىرى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلارغا قورال كۆتۈرۈشتۇر.
  3. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئازاب ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچى باغىي، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى ۋە باشقىلارغا قارشى ھەق بولغان ئۇرۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.
  4. چاقچاق قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنى قورال-ياراق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن قورقۇتۇش ھارامدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (58)
تېخىمۇ كۆپ