عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «من خَبَّبَ زوجة امْرِئٍ أو مَمْلُوكَهُ فليس مِنَّا».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئايالىنى بۇزۇپ ياكى قۇلىنى ئالداپ ئۆزىگە قارىتىۋالسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

كىمكى مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىر ئايال بىلەن ئېرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئايالنىڭ يېنىدا يولدىشىنىڭ ئەسكىلىكى، ئەخلاقىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئايالغا يولدىشىنى ئۆچ قىلسا، ئۇ ئايال يولدىشىغا ئېتائەت قىلماي تالاق تەلەپ قىلىش ياكى خۇلئى يولى ئارقىلىق يولدىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ياكى بىر كىشىنىڭ قۇلىنى بۇزۇپ، قۇل بىلەن بىرگە پىلان تۈزۈپ ئۇنى خوجايىنىغا بويسۇنمايدىغان ۋە ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىز ۋە پرىنسىپىمىزدا ئەمەس بەلكى ئۇلار شەيتاننىڭ قىلىقىنى قىلغۇچىلاردۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ