عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لا يَحِلُّ لمسلم أن يَهْجُرَ أخَاه فوق ثَلَاث، فمن هَجَر فوق ثَلَاث فمات دخل النَّار».
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا (دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن) ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، كىمكى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش دۇنيا مەنپەئەتى ۋە شەخسى غەرەز ئۈچۈن بولسا ھالال بولمايدۇ، ئەمما شەرئى مەقسەت ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا زۆرۈر بولىدۇ، مەسىلەن: بىدئەتچى، پاسىق ۋە پاجىر كىشىلەر تەۋبە قىلمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولىدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاندىن شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ئۇ ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى ئاللاھ ئۆتىۋەتمەيدىغان بىرەر گۇناھنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىشكە ھەقلىق بولۇپ دوزاخقا كىرسە، ئۇ كىشى دوزاختىن چوقۇم چىقىدۇ، ئەبەدىلئەبەد دوزاختا قالمايدۇ، پەقەت كاپىرلارلا دوزاخقا لايىق، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا ھېچ يول يوق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ