عن أبي هريرة رضي الله عنه : أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «المُتَسَابَّانِ ما قالا فَعَلى البَادِي منهما حتى يَعْتَدِي المَظْلُوم».
[صحيح] - [رواه مسلم. ملحوظة: لفظ مسلم: «المستبان ما قالا فعلى البادئ، ما لم يعتد المظلوم»، والمصنف ذكره بالمعنى]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىللاشقان ئىككى ئادەمنىڭ گۇناھى: بوزەك قىلىنغىنى ئاشۇرىۋەتمىسىلا، باشتا تىللىغىنىغا بولىدۇ» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

تىللاشقان ئىككى ئادەمدىن سادىر بولغان سۆز- ھەرىكەتلەرنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغىنىغا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باشلاش بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر، ئىككىنچىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زۇلۇمغا رەت قايتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئەگەر زۇلۇم قىلىنغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىغا رۇخسەت بېرىلگەن چەكتىن ئۆتۈپ ئاشۇرىۋەتسە، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغان كىشىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش