عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«أَتَدْرُونَ مَا الْغِيبَةُ؟»، قَالُوا: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «ذِكْرُكَ أَخَاكَ بِمَا يَكْرَهُ»، قِيلَ: أَفَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ فِي أَخِي مَا أَقُولُ؟ قَالَ: «إِنْ كَانَ فِيهِ مَا تَقُولُ فَقَدِ اغْتَبْتَهُ، وَإِنْ لَمْ يَكُنْ فِيهِ فَقَدْ بَهَتَّهُ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2589]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ»دېدى، بەزىلەر: ئەگەر ئۇنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزۈم راست بولسا (يەنى ئۇ كىشىدە تىپىلسا) قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنىڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزۈڭ راست بولسا، غەيۋەت قىلغان بولدۇڭ، راست بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولدۇڭ دېدى».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2589]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام بولغان غەيۋەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: سورۇندا يوق بولغان مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە جىسمانى سۈپەتلىرىدىن ئۇ كىشى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغان سۆزنى قىلىشتۇر. مەسىلەن: ئالىغاي، ساختىپەز، يالغانچى دېگەندەك ئۇ كىشىنى سۆكۈدىغان سۈپەتلەر، گەرچە ئۇ سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولسىمۇ ئۇنى دېمەسلىك كېرەك.
ئەگەر يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىگەن ناچار سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولمىسا، بۇ غەيۋەتتىنمۇ يامان بولغان بۆھتاندۇر، يەنى ئۇ ئىنساندا يوق بولغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشتۇر.