عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «ما نهيتكم عنه فاجتنبوه، وما أمرتكم به فأْتُوا منه ما استطعتم، فإنما أَهلَكَ الذين من قبلكم كثرةُ مسائلهم واختلافهم على أنبيائهم».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزنى بىرەر ئىشتىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن تولۇق چەكلىنىشىمىز لازىملىقىنى، بىرەر ئىشقا بۇيرۇىسا قۇدرىتىمىزنىڭ يىتىشىچە قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدى. يەنە رەسۇلۇللاھ بىزنى بۇرۇنقىلاردەك كۆپ سوئال سوراشتىن پەيغەمبەرلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۇ سەۋەبلىك تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ھالاك قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش