عَنْ مَطَرِ بْنِ عُكَامِسٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِذَا قَضَى اللَّهُ لِعَبْدٍ أَنْ يَمُوتَ بِأَرْضٍ جَعَلَ لَهُ إِلَيْهَا حَاجَةً».

[صحيح] - [رواه الترمذي] - [سنن الترمذي: 2146]
المزيــد ...

مەتەر بىن ئۇكامىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ».

[تېكىست توغرا] - [تىرمىزى رىۋايىتى] - [سۈنەن تىرمىزى - 2146]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ بەندە ئۇ زېمىندا بولمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ جايغا بارىدىغان بىر ھاجەتنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە كېلىدۇ، ئاندىن شۇ جايدا ئۇ كىشىنىڭ روھى قەبزە قېلىنىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ: « ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى زېمىندا ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»دېگەن سۆزىنى تەستىقلايدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (66)
تېخىمۇ كۆپ