عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ مَسْعُودٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ:
حَدَّثَنَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَهُوَ الصَّادِقُ المَصْدُوقُ: «أَنَّ خَلْقَ أَحَدِكُمْ يُجْمَعُ فِي بَطْنِ أُمِّهِ أَرْبَعِينَ يَوْمًا وَأَرْبَعِينَ لَيْلَةً، ثُمَّ يَكُونُ عَلَقَةً مِثْلَهُ، ثُمَّ يَكُونُ مُضْغَةً مِثْلَهُ، ثُمَّ يُبْعَثُ إِلَيْهِ المَلَكُ، فَيُؤْذَنُ بِأَرْبَعِ كَلِمَاتٍ، فَيَكْتُبُ: رِزْقَهُ وَأَجَلَهُ وَعَمَلَهُ وَشَقِيٌّ أَمْ سَعِيدٌ، ثُمَّ يَنْفُخُ فِيهِ الرُّوحَ، فَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ حَتَّى لاَ يَكُونُ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ إِلَّا ذِرَاعٌ، فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ، فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ فَيَدْخُلُ النَّارَ، وَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ حَتَّى مَا يَكُونُ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ إِلَّا ذِرَاعٌ، فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ، فَيَعْمَلُ عَمَلَ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيَدْخُلُهَا».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز مەنىيلىك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە چاينالغان گۆشتەك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ، تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ رىزقى، ئەجەلى، ئەمەلى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى يېزىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈدىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا كېرىپ كېتىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كېرىپ كېتىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل ۋە سۆزىنى ئاللاھ تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەستىقلانغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى جۇغلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئەر كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا ئىككەيلەننىڭ ئايرىم بولغان مەنىيلىرى ئايالنىڭ رەھمىدە قىرىق كۈن ئىسپىرما ھالىتىدە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ مەنىي ئىسپىرمىسى ئۇيۇل قانغا ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ ئۇيۇل قان چاينالغان بىر چېشلەم گۆشكە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ چاينالغان گۆشكە بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، پەرىشتە ئۈچىنچى قېتىملىق قىرىق كۈن ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا روھنى پۈدەيدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ، يەيدىغان رىزقى، ئۇ بولسىمۇ؛ دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە ئېرىشىدىغان نېئ‍مەتنىڭ مىقدارىدۇر. ياشايدىغان مۇددىتى يەنى ئەجىلى، ئۇ كىشىنىڭ دۇنيادا ياشايدىغان مۇددىتى. ئەمىلى، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بەخىتسىزمۇ ياكى بەختلىكمۇ؟. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: بىر كىشى ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى كىشىگە ياخشى ئىشتەك كۆرىنىدۇ، ئۇ كىشى ئىشىنى شۇ بويىنچە داۋاملاشتۇرىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتكە يېتىشنىڭ ئارىسى پەقەت يېقىن قالغاندا، زېمىندىن ھېسابلىغاندا بىر غۇلاچ قالغاندا ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمىلى ئاخىرلىشىپ دوزاخقا كېرىدۇ. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى: شۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكدۇر، كىشىلەردىن يەنە بىرى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا دوزاخقا كېرىشكە يېقىنلاشقاندا، گوياكى ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسى بىر غۇلاچتەك قالغاندا، ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ جەننەتكە كېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئىلگىرى پۈتۈلگەن تەقدىر بويىنچە ئىجرا بولىدۇ.
  2. قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق كېرەك، چۈنكى ئىشلار تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ