عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«نَارُكُمْ جُزْءٌ مِنْ سَبْعِينَ جُزْءًا مِنْ نَارِ جَهَنَّمَ»، قِيلَ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، إِنْ كَانَتْ لَكَافِيَةً. قَالَ: «فُضِّلَتْ عَلَيْهِنَّ بِتِسْعَةٍ وَسِتِّينَ جُزْءًا كُلُّهُنَّ مِثْلُ حَرِّهَا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 3265]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 3265]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ ئوتىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئاخىرەتنىڭ ئوتىنىڭ كۆيدۈرىشى ۋە ھارارىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشىدا دۇنيانىڭ ئوتىدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى دۇنيانىڭ ئوتىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ دوزاختىكىلەرنى ئازابلاشقا كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى كۈچلۈكلۈكتە دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىنسانلارنى جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇش.
  2. جەھەننەم ئوتىنىڭ كاتتىلىقى، ئازابى ۋە كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ