عن جابرٍ رضي الله عنه قال: سمعت النبي صلى الله عليه وسلم يقول:
«إِنَّ بَيْنَ الرَّجُلِ وَبَيْنَ الشِّرْكِ وَالْكُفْرِ تَرْكَ الصَّلَاةِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ:
«مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى تەرك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كۇپرىغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ناماز بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن ئىككىنچى ئاساستۇر. ئىسلامدا نامازنىڭ مەقامى كاتتىدۇر. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراپ نامازلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك قىلغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى نەقىل قىلىنغان. شۇنىڭدەك نامازنى بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلىپ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلمىغان كىشىمۇ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ناماز بولسا كۇپىر بىلەن ئىمان ئارىسىنى ئايرىغىچىدۇر.
  2. نامازنى تەرك قىلىش ياكى ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن قاتتىق ئاگاھ بولۇش.
تېخىمۇ كۆپ