عن أبي سعيد الخُدْريِّ رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«‌مَنْ ‌رَأَى ‌مِنْكُمْ ‌مُنْكَرًا فَلْيُغَيِّرْهُ بِيَدِهِ، فَإِنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَبِلِسَانِهِ، فَإِنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَبِقَلْبِهِ، وَذَلِكَ أَضْعَفُ الْإِيمَانِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ:
«سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنكەر ئىشنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى. -مۇنكەر دېگەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ھەر قانداق ئىش مۇنكەر دېيىلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتسە قولى بىلەن (ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن) ئۆزگەرتىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر قولى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى تېلى بىلەن ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇنكەر ئىش قلغۇچىنى قىلمىشىدىن چەكلەيدۇ، ئۇ ئىشنىڭ زىيانلىق، خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر ئىشقا يېتەكلەيدۇ. تېلى بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنى دىلى بىلەن يامان كۆرىدۇ، يەنى مۇنكەر ئىشنى يامان كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىسا ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. مۇنكەر ئىشنى دىلى بىلەن يامان كۆرۈش بولسا ئىمان-ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەدىس مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتىكى باسقۇچلارنى بايان قىلىشتىكى ئاساستۇر.
  2. مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش تەدرىجى بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرتى ۋە دائىرىسى بويىنچە ئادا قىلىدۇ.
  3. مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش دىندىكى ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ، بۇ ھېچ كىشىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تاقىتى بويىنچە ئادا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ.
  4. ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەش ئىماننىڭ خىسلەتلىرىدىن بولۇپ، ئىمان ياخشىلىق بىلەن زىيادە بولىدۇ، يامانلىق بىلەن كەمىيدۇ.
  5. مۇنكەر ئىشنى چەكلەشتە: ئاشۇ ئىشنىڭ مۇنكەر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش شەرت قىلىنىدۇ.
  6. مۇنكەر ئۆزگەرتىشتە ئۆزگەرتكەن مۇنكەردىن كاتتىراق يەنە بىر مۇنكەر كىلىپ چىقماسلىق شەرت قىلىنىدۇ.
  7. مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەدەپ ۋە شەرتلىرى بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ئۇنى بىلىشي كېرەك.
  8. مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش شەرئى سىياسەت، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
  9. مۇنكەرنى دىلى بىلەنمۇ يامان كۆرمەسلىك ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ