عَنِ ابْنِ مَسْعُودٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ، قَالَ:
قَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَنُؤَاخَذُ بِمَا عَمِلْنَا فِي الْجَاهِلِيَّةِ؟ قَالَ: «مَنْ أَحْسَنَ فِي الْإِسْلَامِ لَمْ يُؤَاخَذْ بِمَا عَمِلَ فِي الْجَاهِلِيَّةِ، وَمَنْ أَسَاءَ فِي الْإِسْلَامِ أُخِذَ بِالْأَوَّلِ وَالْآخِرِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى: ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئەمەللىرىمىز بىلەن جازالىنىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولىدىكەن، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ، كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولمايدىكەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلامى گۈزەل، سەمىمى سادىق بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتا ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ. كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ناچار ئىشلارنى قىلىدىكەن، مۇناپىقلىق قىلىدىكەن ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى كاپىر ۋاقتىدا قىلغان ۋە مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ساھابىلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە جازاغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  2. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  3. مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقى، ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى ئەمەللەرگە كاپارەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  4. مۇرتەد ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ھەممە ئەمەللىرىدىن ۋە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىدىن ھېساپ ئېلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ