پەيغەمبەرلىك خۇسۇسىيەت

12ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەدىسلەر تىزىملىكى 12

كىم ماڭا سالام قىلسا، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىمەن
ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، يېگۈدەك بىر نەرسەڭ يوقمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇممۇ سۈلەيم: بار، دېدى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى. ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى
قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يۇيغاندا مىيىتتا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىزدەپ تاپالماي: دادام خۇشپۇراق زاتقا پىدا بولسۇن! ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپات بولغاندىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا،-دېدى