عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال أبو جهل: هل يُعَفِّر محمدٌ وجهَه بين أَظْهُركم؟ قال فقيل: نعم، فقال: واللَّات والعُزَّى لَئِن رأيتُه يفعل ذلك لأَطَأَنَّ على رقبتَه، أو لأُعَفِّرنَّ وجهَه في التراب، قال: فأتى رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- وهو يصلِّي، زَعَم لَيَطَأ على رقبته، قال: فما فَجِئَهم منه إلا وهو يَنْكِصُ على عَقِبَيْه ويتَّقي بيديْه، قال: فقيل له: ما لك؟ فقال: إنَّ بيْني وبيْنه لخَنْدَقًا من نار وهَوْلًا وأجنِحة، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لو دنا منِّي لاخْتَطفَتْه الملائكةُ عُضْوًا عُضْوًا» قال: فأنزل اللهُ -عزَّ وجلَّ- -لا ندري في حديث أبي هريرة، أو شيء بلغه -: {كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَى، أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَى، إِنَّ إِلَى رَبِّكَ الرُّجْعَى، أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَى، عَبْدًا إِذَا صَلَّى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَى، أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّى} [العلق: 7]- يعني أبا جهل - {أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى، كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ، نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ، فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ، سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ، كَلَّا لَا تُطِعْهُ} [العلق: 14]، زاد عبيد الله -أحد الرواة- في حديثه قال: وأمره بما أمره به. وزاد ابن عبد الأعلى -راوٍ آخر-: {فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ} [العلق: 17]، يعني قومه.
[صحيح.] - [رواه مسلم.]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇ، ئەبۇ جەھىل: «ئاراڭلاردا مۇھەممەدنىڭ يۈزى توپىغا مېلىنىشىنى خالامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇ جەھىل: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەم گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە كېلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىۋىتىپ، تۇيۇقسىز كەينىگە داجىپ ئىككى قولى بىلەن ساقلاندى، «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورالغاندا، ئەبۇ جەھىل: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئوت لاۋىلداپ تۇرغان ئورەك، قورقۇنۇچ، ۋە قاناتلار پەيدا بولدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى»، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرىغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]، ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن، يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15-16]. ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى)نى چاقىرىمىز[18]. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». راۋىلاردىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر قانچە ئىشقا بۇيرىدى. ئابدۇل ئەئلا دېگەن يەنە بىر راۋى: ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]، يەنى: «ئۆز قەۋمىنى» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ جەھىل بىر كۈنى يارەنلىرىگە: «مۇھەممەد ئاراڭلاردا، سىلەر كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان يەردە ناماز ئوقۇپ، توپىغا سەجدە قىلامدۇ؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇجەھىل لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئۇنىڭ گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى. بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۇلار ئەبۇ جەھىلنىڭ ئۇشتۇمتۇت قورقۇپ كەينىگە يانغانلىقىنى، ئىككى قولىنى سوزۇپ بىر نەرسىدىن ساقلانغاندەك قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، يارەنلىرى ئۇنىڭدىن: [ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى، ئەبۇجەھىل ئۇلارغا: مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ گەدىنىگە دەسسىمەكچى بولغىنىدا ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى قورقۇتۇپ قاچۇرغان ئوتقا تولغان بىر ئورەكنى ۋە قاناتلارنى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە يېقىنلاشقان بولسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پارچە، پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى» دېدى. ئاللاھ تائالا ئايەت بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]،ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز[18].(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». ئايەتتىكى ئىنساندىن ئەبۇ جەھىل مەقسەت قېلىنغان، ئۇ ئۆزىنى بىھاجەت دەپ ئويلاپ كۇپردا، ئاسىيلىقتا ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشتى، «ئى مۇھەممەد! بۇ كاپىرنىڭ بارىدىغان جايى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىگىدۇر(جەھەننەمگىدۇر)، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازابىنى تېتىتىدۇ، ئى مۇھەممەد! ماڭا دېگىنە!، ئەبۇ جەھىل ئۆزى ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، سېنى كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولامدۇ؟ قارىمامسەن! مۇھەممەد توغرا يولدا، كىشىلەرنى تەقۋادارلىققا بۇيرىسا، ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەۋەتىلگەن ھەقنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، ئەبۇ جەھىل ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەبۇ جەھىل ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى، تىللىشى، ئازار يەتكۈزىشى قاتارلىق ناچار قىلمىشىدىن يانسۇن!، بىز ئۇنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە تاشلايمىز، مۇشۇ يالغانچى، گۇناھكار كاللىنىڭ ئىگىسى بولغان ئەبۇ جەھىل شۇ ۋاختىدا ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى، قەۋمىنى ياردەم بېرىشكە چاقىرسۇن، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسا، بىزمۇ جەھەننەمنىڭ قوپال، قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز، ئى مۇھەممەد! ئۇ كاپىرغا بۇيسۇنۇپ كەبىدە ناماز ئوقۇشنى تاشلىما، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقىن»

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش