عن ابن عمر رضي الله عنهما ، عن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «هذا الذي تحرَّكَ له العرشُ، وفُتِحَتْ له أبوابُ السماءِ، وشَهِدَه سبعون ألفًا من الملائكة، لقد ضُمَّ ضَمَّةً، ثم فُرِّجَ عنه».
[صحيح] - [رواه النسائي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ، ئاندىن قويۇپ بېرىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى مۇئازنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا خۇشال بولغانلىقى ئۈچۈن راھمان تائالانىڭ ئەرشى ھەرىكەتلەنگەن ئىدى، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ۋە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كېلىشىگە روھىنىڭ ئۆرلىشىگە زىننەتلەش ئۈچۈن ئېچىلغانىدى، چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ماكانى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىكى جەننەتتە بولىدۇ. يەنە بۇ ئۇلۇغ ساھابىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنازىسىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە قاتناشقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ئاشۇنداق پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ھۆزۈرىدىكى ئالى ماقامىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، قەبرىنىڭ ئۇنى قاتتىق بىر سىققانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بوشاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دېمەك بۇ سىقىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ، ئەگەر بىرەركىم قۇتۇلغان بولسا ئەلۋەتتە سەئد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ