ھەدىسلەر تىزىملىكى

مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئ‍مىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».
عربي الإنجليزية الأوردية
بەدىر ئۇرۇشى ۋە ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە قاتناشقان كىشى ھەرگىز دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ ئەنسارىلارغا، ئەنسارىلارنىڭ باللىرىغا ۋە ئەنسارىلارنىڭ نەۋرىلىرىگە مەغپىرەت قىلسىلا
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگىتىپ قويىدىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بىقىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چېراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، بۇ قىز داپ چېلىۋاتقاندا مەن ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى.، سەن كىرىۋىدىڭ، ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى
عربي الإنجليزية الإندونيسية
ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننەتتە دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية