ھەدىسلەر تىزىملىكى

رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىز ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بەدىر ئۇرۇشى ۋە ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە قاتناشقان كىشى ھەرگىز دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بۇ ئىككىسى جەننەت ئەھلى ئىچىدە پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۈممەتلەرنىڭ قىرانلىرىدۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىلدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ ئەنسارىلارغا، ئەنسارىلارنىڭ باللىرىغا ۋە ئەنسارىلارنىڭ نەۋرىلىرىگە مەغپىرەت قىلسىلا
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگىتىپ قويىدىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بىقىڭلار
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چېراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، بۇ قىز داپ چېلىۋاتقاندا مەن ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى.، سەن كىرىۋىدىڭ، ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى دانە ساۋۇت بار ئىدى، ئۇ بىر قورام تاش ئۈستىگە چىقماقچى بولۇپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تۇرۇپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى، تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى
ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننەتتە دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى