عَنِ الْبَرَاءِ رضي الله عنه:
عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُ قَالَ فِي الْأَنْصَارِ: «لَا يُحِبُّهُمْ إِلَّا مُؤْمِنٌ، وَلَا يُبْغِضُهُمْ إِلَّا مُنَافِقٌ، مَنْ أَحَبَّهُمْ أَحَبَّهُ اللهُ وَمَنْ أَبْغَضَهُمْ أَبْغَضَهُ اللهُ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 75]
المزيــد ...

بەرا ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئ‍مىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 75]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە ئەھلىدىن بولغان ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرۈش كامالىي ئىماننىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇنداق بولىشى: ئۇلارنىڭ دىنغا، ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتە ۋە مۇسۇلمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلغانلىقى، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرىنى پىدا قىلغانلىقىدىندۇر، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا، مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە: ئەنسارىيلار ئۈچۈن بولغان كاتتا پەزىلەت بايان قىلىنغان، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ئىماننىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا مۇناپىقلىقتىن ئادا-جۇدا بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر.
  2. ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش بولسا، بەندىنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
  3. ئىسلامغا بۇرۇن كىرگەنلەرنىڭ پەزىلىتى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (56)
تېخىمۇ كۆپ