عن جندب رضي الله عنه قال:
سمعت النبي صلى الله عليه وسلم قبل أن يموت بخمسٍ وهو يقول: «إني أبرأ إلى الله أن يكون لي منكم خليلٌ، فإن الله تعالى قد اتخذني خليلًا، كما اتخذ إبراهيم خليلًا، ولو كنت متخذًا من أمتي خليلًا لاتخذت أبا بكر خليلًا، ألا وإن من كان قبلكم كانوا يتخذون قبور أنبيائهم وصالحيهم مساجد، ألا فلا تتخذوا القبور مساجد، إني أنهاكم عن ذلك».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك، دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتماقچى بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوست تۇتاتتىم. دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى. دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بايان قىلىپ ياخشى كۆرۈشتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېرىشكەندەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا دوستى بولۇشنى رەت قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى، ئۇلۇغلىقى ۋە ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ سۆيگۈسى سىغمايدۇ. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا دوستى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دوستى بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ھەددىدىن ئېشىپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، خۇددى يەھۇدىي-ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ، ئاللاھنى قويۇپ قەبرە ساھىبىغا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قاتۇرۇپ قەبرىستانلىقنى مەسچىت ۋە مەئبەد قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت شېرىك ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىشتىن چەكلىدى.