عن أبي مالكٍ الأشعريِّ رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«الطُّهُورُ شَطْرُ الْإِيمَانِ، وَالْحَمْدُ لِلهِ تَمْلَأُ الْمِيزَانَ، وَسُبْحَانَ اللهِ وَالْحَمْدُ لِلهِ تَمْلَآنِ -أَوْ تَمْلَأُ- مَا بَيْنَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ، وَالصَّلَاةُ نُورٌ، وَالصَّدَقَةُ بُرْهَانٌ، وَالصَّبْرُ ضِيَاءٌ، وَالْقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَوْ عَلَيْكَ، كُلُّ النَّاسِ يَغْدُو، فَبَايِعٌ نَفْسَهُ فَمُعْتِقُهَا أَوْ مُوبِقُهَا».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبى مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ، ناماز نۇردۇر، سەدىقە ھۆججەتتۇر، سەبىر يورۇقلۇقتۇر، قۇرئان سىزنىڭ پايدىڭىز ياكى زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە چېقىپ كەچكىچە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ۋە غۇسلە بىلەن بولىدىغان سېرتقى پاكلىقنىڭ نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئەلھەمدۇ لىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ دېگەن سۆز بولسا، ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەش ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش بولۇپ قىيامەت كۈنىدە مىزانغا قويۇلغاندا، ئەمەل مىزانىنى توشقۇزىدۇ. سۇبھانئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېگەن بۇ ئىككى كەلىمە ئاللاھ تائالانى بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاش، مۇكەممەل تولۇق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ. ناماز ھەقىقەتەن بەندە ئۈچۈن دىلىدا، چېرايىدا، قەبرىسىدە ۋە مەھشەر مەيدانىدا نۇر بولىدۇ. سەدىقە ھۆججەتتۇر، مۇئ‍مىننىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. مۇئ‍مىن سەدىقە قىلىش بىلەن سەدىقە قىلىشتىن باش تارتىدىغان ۋە بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاپقا ئېشەنمەيدىغان مۇناپىققا ئوخشىمايدۇ. سەبرى نۇردۇر، سەبرى دېگەن: ئۆزىنى ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپلىنىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشتۇر، سەبرى بىلەن ھاسىل بولىدىغان نۇردىن خۇددى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھارارەت ۋە قىززىقلىق پەيدا بولىدۇ، چۈنكى سەۋىرچانلىق دېگەن: نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز خاھىشىدىن كونتۇرۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان قېيىن ئىشتۇر، سەۋېرچان كىشى دائىم يورۇقلۇقتا ھىدايەت تىپىپ توغرا يولدا داۋاملاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە سەبرى قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتا سەبرى قىلىش، بالا-مۇسىبەتكە سەبرى قىلىش ۋە دۇنيادا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا سەبرى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزگە ھۆججەت بولسا، تىلاۋەت قىلماسلىق ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن سىزنىڭ زېيىنىڭىزغا ھۆججەتتۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئەتتىگەندە تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بەزى كىشىلەر ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ئۆزىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ، بەزى كىشىلەر توغرا يولدىن چەتنەپ گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پاكلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: سېرتقى پاكلىق تاھارەت ۋە غۇسلە بىلەن بولىدۇ، باتىنى پاكلىق: تەۋھىد، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ.
  2. نامازنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ناماز بەندىگە دۇنيادا ۋە قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ.
  3. سەدىقە بولسا ئىماننىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
  4. قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى تەستىقلاشنىڭ ئەھمىيىتى بولسا، سىزنىڭ زېيىنىڭىزغا ئەمەس بەلكى مەنپەئەتىڭىزگە ھۆججەت بولۇش ئۈچۈندۇر
  5. سىز نەپسىڭىزنى تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلمىسىڭىز سىزنى گۇناھ-مەسىيەت بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ.
  6. ھەر بىر ئىنسان چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك، ياكى تائەت ئىبادەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ ياكى گۇناھ-مەئ‍سىيەت بىلەن ھالاك قىلىدۇ.
  7. سەۋېرچانلىق دېگەن: قىيىنچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىش، ساۋاپ ئۈمىت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ بەك قىيىن ئىشتۇر.
تېخىمۇ كۆپ