ھەدىسلەر تىزىملىكى

پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. پەرۋەردىگارىمىز دىدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية