عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «مثل الذي يذكر ربه والذي لا يذكره مثل الحي والميت» وفي رواية: «مثل البيت الذي يُذْكَرُ الله فيه، والبيت الذي لا يُذْكَرُ الله فيه، مثل الحيِّ والميِّت».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ئەسلەپ تۇرىلىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ ئەسلەنمەيدىغان ئۆي ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش» دېيىلگەن»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشىنىڭ دىلىنى ئاللاھ ئەسلەش ئارقىلىق ياشنىتىپ، قەلبىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئۇ ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ھايات كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىمەيدىغان كىشى مەۋجۇدىيىتى بولمىغان مېيىتكە ئوخشايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ بەدىنى ھايات بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبى ئۆلگەندۇر. ئىنسانلار بۇ مىسالدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل بولغانسىرى قەلبى قاتتىقلىشىپ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ» ئەنئام سۈرىسى 12-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ