عَنْ أَبِي مُسْلِمٍ الْخَوْلَانِيِّ، قَالَ: حَدَّثَنِي الْحَبِيبُ الْأَمِينُ، أَمَّا هُوَ فَحَبِيبٌ إِلَيَّ، وَأَمَّا هُوَ عِنْدِي فَأَمِينٌ، عَوْفُ بْنُ مَالِكٍ الْأَشْجَعِيُّ رضي الله عنه قَالَ:
كُنَّا عِنْدَ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، تِسْعَةً أَوْ ثَمَانِيَةً أَوْ سَبْعَةً، فَقَالَ: «أَلَا تُبَايِعُونَ رَسُولَ اللهِ؟» وَكُنَّا حَدِيثَ عَهْدٍ بِبَيْعَةٍ، فَقُلْنَا: قَدْ بَايَعْنَاكَ يَا رَسُولَ اللهِ، ثُمَّ قَالَ: «أَلَا تُبَايِعُونَ رَسُولَ اللهِ؟» فَقُلْنَا: قَدْ بَايَعْنَاكَ يَا رَسُولَ اللهِ، ثُمَّ قَالَ: «أَلَا تُبَايِعُونَ رَسُولَ اللهِ؟» قَالَ: فَبَسَطْنَا أَيْدِيَنَا وَقُلْنَا: قَدْ بَايَعْنَاكَ يَا رَسُولَ اللهِ، فَعَلَامَ نُبَايِعُكَ؟ قَالَ: «عَلَى أَنْ تَعْبُدُوا اللهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَالصَّلَوَاتِ الْخَمْسِ، وَتُطِيعُوا -وَأَسَرَّ كَلِمَةً خَفِيَّةً- وَلَا تَسْأَلُوا النَّاسَ شَيْئًا» فَلَقَدْ رَأَيْتُ بَعْضَ أُولَئِكَ النَّفَرِ يَسْقُطُ سَوْطُ أَحَدِهِمْ، فَمَا يَسْأَلُ أَحَدًا يُنَاوِلُهُ إِيَّاهُ.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسلىم خەۋلانى مۇنداق دەيدۇ: ماڭا سۆيۈملۈك، ئىشەنچىلىك كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ كىشى ماڭا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى، مېنىڭ قارىشىمدا بەك ئىشەنچىلىكدۇر، ئەۋپ بىن مالىك ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز توققۇز ياكى سەككىز ياكى يەتتە نەپەر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رۇسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز يېڭىدىن بەيئەت قىلغان ئىدۇق، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رۇسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رۇسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز قولىمىزنى ئېچىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، سىلىگە نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىلەر، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيسىلەر، بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسىلەر، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىسىلەر-بىر سۆزنى مەخپى قىلدى-ئىنسانلاردىن بىر نەرسىنى سورىمايسىلەر»، مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى كۆردۈم ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچ بىر كىشىدىن ئۇنى ئېلىۋېتىڭلار دەپ سورىمايتتى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرقانچە ساھابىلار بىلەن بىرگە بولغان بىر سورۇندا ئۇلاردىن ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلىشنى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلارنى لازىم تۇتۇشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان:
بىرىنچىسى: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك.
ئىككىنچىسى: بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش.
ئۈچىنچىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە ياخشى ئىشلاردا بويسۇنۇش ۋە سۆزىنى ئاڭلاش.
تۆتىنچى: ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھدىن سوراش، ئىنسانلاردىن بىر نەرسە سورىماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋازىنى پەس قىلدى.
ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-قىلغان بەيئىتىگە ئەمەل قىلدى، ھەتتا ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى راۋىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ ساھابىلاردىن بەزىسىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە ھېچ كىشىدىن ئۇنى ئېلىپ بېرىشنى سورىمايتتى، بەلكى ئۆزى ئاتتىن چۈشۈپ ئېلىپ يەنە ئېتىغا مىنەتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە كىشىلەرنى بىر نەرسە سوراشنى تەرك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار، سوئال دەپ ئاتىلىدىغان ھەممە ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ئاددى ئىش بولسىمۇ كىشىلەردىن سورىماسلىق، ئۇلاردىن بىھاجەت بولۇش.
  2. بۇ ھەدىستىكى چەكلەنگەن سوئالدىن دۇنيا ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان سوئاللار مەقسەت قىلىنىدۇ، ئىلىم ئۈگىنىش، دىنى ئىشلارنى سوراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ