عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قيل: يا رسول الله، ما يعدل الجهاد في سبيل الله؟ قال: «لا تستطيعونه» فأعادوا عليه مرتين أو ثلاثًا كل ذلك يقول: «لا تستطيعونه»! ثم قال: «مثل المجاهد في سبيل الله كمثل الصائم القائم القانت بآيات الله لا يَفْتُرُ من صيام، ولا صلاة، حتى يرجع المجاهد في سبيل الله». وفي رواية البخاري: أن رجلاً قال: يا رسول الله، دلني على عمل يعْدِلُ الجهاد؟ قال: «لا أجده» ثم قال: «هل تستطيع إذا خرج المجاهد أن تدخل مسجدك فتقوم ولا تفتر، وتصوم ولا تفطر»؟ فقال: «ومن يستطيع ذلك؟!»
[صحيح] - [متفق عليه، والرواية الثانية للبخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھادقا قايسى ئەمەل تەڭ كىلەلەيدۇ؟» دەپ سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنى قىلالمايسىلەر»دېدى، سورىغۇچىلار ئۇنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا: «سىلەر قىلالمايسىلەر» دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مىنى جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلگە باشلىغىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «تاپالمايمەن» دېدى، كىيىن: «مۇجاھىد جىھادقا چىقىپ كەتكەن چاغدا سەن مەسچىتكە كېرىپ توختىماي ناماز ئوقۇپ، بىر كۈنمۇ تاشلىماي روزا تۇتالامسەن؟» دېدى، ئۇ: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، دېيىلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس ئىككى يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋاپتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا تەڭ كىلىدىغان تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردىن بىرسى بارمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنى قىلالمايسىلەر»، يەنى: جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان ئەمەلنى ئادا قىلىشقا سىلەردە تاقەت يوق دېدى، ئۇلار سۇئالنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇنى قىلالمايسىلەر» دېدى، كىيىن ئۇلارغا قىلالمايدىغان شۇ ئىشىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ: بوشاشماي، ئۈزۈپ قويماي دائىم روزا تۇتۇش، نامازدا تۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىدى، بۇ ئىش ئىنساننىڭ قۇدرىتى يىتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلىۋىدىلا ئۇلارغا: «بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن ئىدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ساھابىلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىدا، قەدىر-قىممەتتە جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بىرىشىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تاپالمايمەن»، يەنى: «جىھادقا ئوخشايدىغان ياكى تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلنى تاپالمايمەن» دېدى. ئىككى سەھىھ كىتاپتا: «ئەتتىگەندە ياكى كەچ تەرەپتە ئاللاھ يولىدا چېقىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى» دېيىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مۇجاھىد چىققاندا مەسجىدىڭگە كىرىپ، بوشاشماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن»، يەنى: مۇجاھىد ئۆيىدىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەسجىدىڭگە كىرىپ، دائىم ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرۇپ، تۇختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن؟، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىردىنبىر جىھادقا تەڭ تۇرىدىغان ئەمەل » دېدى، ئۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىشى: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، يەنى: «كىم توختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالىسۇن؟، بۇ ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئىقتىدارىدىن يۇقىرى ئىش» دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ