عن أبي ذر رضي الله عنه قال: كنت أمشي مع النبي صلى الله عليه وسلم في حَرَّةٍ بالمدينة، فاستقبلنا أُحُدٌ، فقال: «يا أبا ذر» قلت: لبيك يا رسول الله. فقال: «ما يَسُرُّنِي أن عندي مثل أُحُدٍ هذا ذهبًا تمضي علي ثلاثة أيام وعندي منه دينارٌ، إلا شيء أرصده لِدَيْنٍ، إلا أن أقولَ به في عباد الله هكذا وهكذا وهكذا» عن يمينه وعن شماله ومن خلفه، ثم سار، فقال: «إن الأكثرين هم الأَقَلُّونَ يوم القيامة إلا من قال بالمال هكذا وهكذا وهكذا» عن يمينه وعن شماله ومن خَلفه «وقليل ماهم». ثم قال لي: «مكانك لا تَبْرح حتى آتيك» ثم انطلق في سوادِ الليل حتى تَوارى، فسمعت صوتًا، قد ارتفع، فَتَخَوَّفْتُ أن يكون أحدٌ عَرض للنبي صلى الله عليه وسلم فأردت أن آتيه فذكرت قوله: «لا تَبْرَحْ حتى آتيك» فلم أبْرَحْ حتى أتاني، فقلت: لقد سمعت صوتًا تَخَوَّفْتُ منه، فذكرت له، فقال: «وهل سمعته؟» قلت: نعم، قال: «ذاك جبريل أتاني فقال: من مات من أُمتك لا يُشرك بالله شيئًا دخل الجنة»، قلت: وإن زنى وإن سرق؟ قال: «وإن زنى وإن سرق».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدىكى قارا تاشلىقتا كېتىۋاتاتتىم، بىزگە ئوھۇد تېغى كۆرۈندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئەبۇ زەر! دېدى، مەن: خوش ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى. ئازراق مېڭىپ: «ماللىرى كۆپ بولغانلىرى قىيامەت كۈنى نەرسىسى ئاز بولغۇچىلاردۇر، لېكىن ماللىرىنى مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، ئوڭدىن، سولدىن، كەينىدىن خىراجەت قىلغان كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقلار ئازدۇر» دېدى. ئاندىن ماڭا: مەن كەلگىچە جايىڭدىن مىدىرلىما، دەپ قويۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا مېڭىپ يوقاپ كەتتى، ئاندىن مەن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەرسىدىن خەتەر يېتىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ئويلىدىم، بىراق مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن كەلگىچە مىدىرلىما دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ تاكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگىچە مىدىرلىمىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئەگەر ئوغرلىق ۋە زىنا قىلسىچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا، دېدى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىنىڭ قارا تاشلىقىدا بىللە ماڭغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلارغا ئوھۇد تېغى كۆرۈنگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، ئەگەر مېنىڭ ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغى مىقدارىدا مېلىم بولسا، مەن ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭدىن پەقەت قەرزنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك مىقداردا بىر نەرسە قويۇپ قوياتتىم، ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ مېنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قىلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايتتى. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلەر ئىچىدە دۇنياغا پەقەت بېرىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا توپلاشنى مەقسەت قىلمايتتى، پەقەت قەرزگە بەرگۈدەك نەرسىنى قويۇپ قوياتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ ئۇنىڭ تۆمۈر كېيىمى ئائىلىسى ئۈچۈن قەرز ئالغان ئارپىنىڭ بەدىلىگە يەھۇدىنىڭ يېنىدا گۆرەگە قويۇلغان ئىدى، ئەگەر دۇنيا ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈنگۈچى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ھېچ نەرسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن چەكلىمەيتتى، دۇنيا ۋە دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرى، ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ئالاقىدار بولغان نەرسىلەردىن باشقا ھەممە نەرسە لەنەت قىلىنغۇچىدۇر، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماللىرى كۆپ بولغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە نەرسىلىرى ئاز بولغۇچىلاردۇر» دېدى، يەنى دۇنيادا كۆپ مالغا ئىگە بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولغان كىشىلەردۇر، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادا بايلىقى كۆپ بولغان كىشىلەر تەكەببۇرلۇق ۋە ئاتىكاچىلىقتىن ئاللاھنىڭ تائەت-ئىباتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى دۇنيا ئۇلارنى مەشغۇل قىلىپ قويغان، ئۇلار كۆپ دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ ئاخىرەتتە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولىدۇ، لېكىن ماللىرىنى ئاللاھنىڭ يوللىرىدا مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق خىراجەت قىلغۇچىلار ئۇنداقلار ئازدۇر، يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلار ئازدۇر، ئاندىن مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، گەرچە زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» بۇنىڭدىن ئوغرىلىق قىلىش ۋە زىنا قىلىش ئاسان دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ قېيىن ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چوڭ بىلىنىپ: ئوغرىلىق قىلسىمۇ ۋە زىنا قىلسىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا» دېدى، ئاشۇنداق بولىشى، بىر كىشى ئىمان بىلەن دۇنيادىن كەتسە گەرچە ئۇ چوڭ گۇناھلارنى قىلغان بولسىمۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.» نىسا سۈرىسى 48-ئايەت. ئىمان بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ ۋە جازالىمايدۇ، بەزى جازالايدۇ، لېكىن ئاقىۋەتتە بارىدىغان جايى يەنىلا جەننەت بولىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ، ئەمما كۇپىر قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى مۇناپىقلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «سېنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن نامازغا تۇرغاندا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، ئاشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بولىدۇ. بۇ ھەدىس دۇنياغا بېرىلمەسلىككە دالالەت قىلىدۇ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۇنياغا بېرىلىشى توغرا بولمايدۇ، دۇنيا قەلبىدە بولماستىن پەقەت قولىدا بولىشى كېرەك. قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشى لازىم. مانا بۇ دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇنىڭدىن دۇنيادىن ھېچ نەرسىگە كۆز سالماڭ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن ھالال بولغان نەرسىنى ئېلىش ۋە دۇنيادىن بولغان نەسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لېكىن دۇنيانى قەلبىگە ئالاقىدار قىلىۋالماستىن پەقەت قولىدا تۇتۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر