ھەدىسلەر تىزىملىكى

كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز
عربي الإنجليزية الأوردية
«مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية