عن عَمْرُو بْنُ عَامِرٍ عَنْ ‌أَنَس بن مالك قَالَ:
كَانَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَتَوَضَّأُ عِنْدَ كُلِّ صَلَاةٍ، قُلْتُ: كَيْفَ كُنْتُمْ تَصْنَعُونَ؟ قَالَ: يُجْزِئُ أَحَدَنَا الْوُضُوءُ مَا لَمْ يُحْدِثْ.

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 214]
المزيــد ...

ئەمرۇ بىن ئامىردىن ئۇ كىشى ئەنەس بىن مالىكتىن بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالاتتى، مەن: سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار؟ دەپ سورىسام، ئەنەس: بىزلەرنىڭ بىرىمىزنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا شۇ تاھارەت بىلەن ناماز قىلاتتۇق دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 214]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىيادە ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن تاھارىتى بۇزۇلمىسىمۇ ھەر پەرز ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالاتتى.
ئەگەر ئىنساننىڭ تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا بىر قېتىم ئالغان تاھارەت بىلەن بىر قانچە قېتىملىق پەرز نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى ئىباەتتە مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.
  2. ھەر پەرز ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش ياخشىدۇر.
  3. بىر تاھارەت بىلەن بىر قانچە قېتىملىق پەرز نامازنى ئادا قىلىش جايىزدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (58)
تېخىمۇ كۆپ