عن عبدِ الله بن عمرو رضي الله عنهما قال:
كنتُ أكتبُ كلَّ شيءٍ أسمعُه من رسولِ الله صلَّى الله عليه وسلم أُريدُ حفْظَه، فنهتْني قريشٌ، وقالوا: أتكْتبُ كلَّ شيءٍ تَسمَعُه من رسول الله صلَّى الله عليه وسلم، ورسولُ الله صلَّى الله عليه وسلم بَشَرٌ يتكلَّمُ في الغضَبِ والرِّضا؟ فأمسَكتُ عن الكتاب، فذكرتُ ذلك لرسول الله صلَّى الله عليه وسلم، فأومأ بإصبَعِه إلى فيه، فقال: «اكتُبْ، فوالذي نفسي بيدِه، ما يَخرُجُ منه إلا حقٌّ».

[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ : سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەندە ۋە كۆڭلى خوش بولغاندا سۆزلەيدىغان تۇرسا؟دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختاپ قالدىم، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى يېزىش ئارقىلىق ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازاتتىم، قۇرەيشتىن بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەن ۋە كۆڭلى خوش ھالەتلەردە سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە خاتا كېتىدىغان تۇرسا؟ دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختىدىم.
ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿‏وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾‏ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببى بولغان ئاللاھدىن يەتكۈزگەن بارلىق خەۋەرلىرىدە كۆڭلى ئوچۇق ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن خاتالىقتىن ساقلانغۇچىدۇر.
  2. ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش ۋە يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
  3. قەسەم قىلىنمايدىغان ئىشتىمۇ، بىر ئىشنى تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، مەنپەئەت بولىدىغان ۋاقىتتا قەسەم قىلسا توغرا بولىدۇ.
  4. ئىلىمنى يېزىش بولسا ئىلىمنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ