عن العِرْباضِ بن ساريةَ رضي الله عنه قال:
قام فينا رسول الله صلى الله عليه وسلم ذات يوم، فوَعَظَنا مَوعظةً بليغةً وَجِلتْ منها القلوبُ، وذَرَفتْ منها العيونُ، فقيل: يا رسول الله، وعظتَنَا موعظةَ مُودِّعٍ فاعهد إلينا بعهد. فقال: «عليكم بتقوى الله، والسمع والطاعة، وإن عبدًا حبشيًّا، وسترون من بعدي اختلافًا شديدًا، فعليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين، عَضُّوا عليها بالنواجِذ، وإياكم والأمور المحدثات، فإن كل بدعة ضلالة».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئىرباز بىن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇپ بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللىرىمىز ئۆرتىنىپ، كۆزىمىزدىن ياشلار قۇيۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگە گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىلا، بىزگە سىلىدىن كېيىن چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەتنى قىلسىلا دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭغا چېڭ ئېسىلىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن بەك ھەزەر قىلىڭلار، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللار ئۆرتىنىپ، كۆزلەردىن ياشلار قۇيۇلدى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز-نەسىھەتنى ناھايتى بەك كۈچلۈك قىلغانلىقىنى كۆرگەندە بۇنى گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەتكە ئوخشىتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش ۋە ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ» دېدى. سىلەرگە رەھبەر بولغانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىش، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل يەنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاددى بىر كىشى-رەھبەر بولسا ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلسىمۇ پىتنە-پاسات پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قارشى چىقماي، باش تارتماي ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر مەندىن كېيىن نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىختىلاپتىن چېقىشنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ؛ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توغرا يول تۇتقان ئەبۇ بەكىر سىددىق، ئۆمەر بىن خەتتاب، ئوسمان بىن ئەپپان، ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئىز باسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ يولىغا چېڭ ئېسىلىش، (يەنى سۈننەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى لازىم تۇتۇش). دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى ۋە ھەر قانداق بىدئەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە سۈننەتتە چېڭ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى.
  2. ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا ۋە دىللارنى يۇمشۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۇش.
  3. ئۇنىڭدىن كېيىن توغرا يول تۇتقان ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر بىن خەتتاب، ئوسمان بىن ئەپپان، ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئىز باسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش،
  4. دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە ھەر قانداق بىدئەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
  5. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغانلارغا ئەگىشىش كېرەك.
  6. ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھالەتلەردە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى.
  7. ئۈممەتنىڭ ئېچىدە ئىختىلاپ پەيدا بولغان ۋە يۈز بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ يولىغا قايتىش كېرەك.