عن عُقبة بن عامر الجُهني رضي الله عنه قال: قال رسولُ الله صلَّى الله عليه وسلم:
«الجاهِرُ بالقرآن كالجاهِرِ بالصَّدَقَةِ، والمُسِرُّ بالقرآن كالمُسِرِّ بالصَّدَقَة».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي] - [سنن أبي داود: 1333]
المزيــد ...

ئۇقبەتە بىن ئامىر جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچى سەدىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچى سەدىقىنى مەخپى قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي] - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 1333]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچىنىڭ سەدىقىنى ئاشكارا بەرگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچىنىڭ سەدىقىنى مەخپى بەرگەن كىشىگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سەدىقىنى مەخپى قىلىش ياخشى بولغاندەك قۇرئاننىمۇ ئېچىدە ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، مەخپى ئوقۇغاندا ئىخلاس بولىدۇ ۋە رىيادىن، ئۆزىدىن ھەيران قىلىشتىن يىراق بولىدۇ، لېكىن قۇرئان ئۈگۈتۈشكە ئوخشاش ئۈنلۈك ئوقۇشقا ھاجەت بولسا ئۈنلۈك ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ